Jump to content

شەنبە

ئورنى Wikipedia

شەنبە، جۈمە بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنىدۇر.

شەنبە ڧارسچە "شنبە" دىن كېلىدۇ. قەدىم ئۇيغۇرچەدە ئاتناراس كۈنى، ياكى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Cumartesi"، ئەرەبچە «السبت»، ڧارسچە «شنبە»، ئىنگىلىزچە «Saturday» ۋە خەنزۇچە «周六\星期六» غا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈن يەھۇدىيلەرنىڭ دىنىي كۈنى بولۇپ، بۇگۈن ئەكسەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەللەر ۋە بۇلارنى تەئسىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داخىل جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى رەسمىي تەتىل ئېلان قىلىنغان. "شېكەر شەنبە، يەكشەنبە" شەكلىدىمۇ تەرىپلىنىدۇ.

شەنبە كۈنمىزدە قوللىنىلغان بەزى تەقۋىملەردە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىدۇر. لېكىن ISO 8601 ئۆلچىمى بويىچە ھەپتىنىڭ ئارقىدىن بىر ئالدىنقى (ئالتىنچى) كۈنىدۇر. لاتىنچە ئىسمى dies Saturni ("ساتۇرىننىڭ كۈنى")، ئەسكى ئىنگلىزچىگە Saeternesdaeg شەكلىدە كىرگەن. شەنبە كۈنىگە، كېچىككەندە 2. ئەسردە Vettius Valens كە كۆرە كۈننىڭ تۇنجى سائەتىنى كونترول قىلغان ساتۇرىن پلانتىنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قەدىم ئىنگىلىزچە ئاتى sunnanæfen (“sun [قۇياش]” + “eve [ھارپىسى]”) ئىدى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]