Jump to content

بېسىم

ئورنى Wikipedia

فىزىكىدىكى بېسىم ئىككى جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش يۈزىدە يۈز بەرگەن تەسىر كۈچنى كۆرسىتىدۇ، ياكى گاز جىسىمنىڭ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچى ياكى سۇيۇقلۇق قاتتىق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، مېخانىكا ۋە كۆپ قۇرۇلۇش پەن ساھەسىدە «بېسىم» دېگەن سۆز بىلەن فىزىكا ئىچىدىكى بېسىم كۈچى ئوخشاش مەنىگە ئىگە.

بېسىم

پەيدا بولۇش مېخانىزمى

[تەھرىرلەش]

قاتتىق جىسىم يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېلاستىكلىق شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر، تېگىشىش كۈچى دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇيۇق ۋە گاز يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېغىرلىق كۈچى ۋە مولېكۇلا ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى.

بېسىم يۆنىلىشى ئادەتتە جىسىملارنىڭ تېگىشىش يۈزىگە تىك بۇلىدۇ. ئەگەر كۆزىتىلگەن بېسىم يۆنىلىشى بىلەن تېگىشىش يۈزى تىك بولمىسا، ئادەتتە بۇ بېسىم ۋە سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىندۇر.

ئالاھىدىلىكى

[تەھرىرلەش]

1. تەسىر قىلىش يۆنىلىشى ۋە تەسىرگە ئۇچراش يۈزى ئۆزئارا تىك ۋە تەسىرگە ئۇچراش يۈزىنىڭ سىرتقى نورمال سىزىقى بىلەن يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولىدۇ؛

2. بېسىم كۈچى بەلگىلىك بولغاندا، كۈچكە ئۇچراش يۈزى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، بېسىم ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ؛

3.كۈچكە ئۇچراش يۈزى بەلگىلىك بولغاندا بېسىم كۈچى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ، بېسىم ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ.

ھېسابلاش فورمۇلىسى

[تەھرىرلەش]

بېسىم كۈچى = بېسىمى / بېسىمغا ئۇچرىغان يۈزنىڭ كۆلىمى ( P=F/S)؛

بېسىم كۈچى = بېسىم كۈچىنىشى * كۈچكە ئۇچراش يۈزى ( F=PS).

ئاساسىي بىرلىكى

[تەھرىرلەش]

1.بېسىم

خەلقئارالىق بىرلىك: « نيۇتون »، بەلگىسى « N »؛

2.بېسىم كۈچىنىشى

خەلقئارالىق بىرلىك :« پاسكال»، بەلگىسى « Pa ».

بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى

[تەھرىرلەش]

( 1 ) بېسىم بولسا بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىككى جىسىمنىڭ بىر-بىرىنى قىسىشىدىن يۈز بەرگەن شەكىل ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بۇلىدۇ، كۈچ خاراكتېرى بويىچە ئايرىغاندا، بېسىم كۈچى ئېلاستىك كۈچكە تەۋە؛ ئېغىرلىق كۈچى دېگىنىمىز − يەر يەر يۈزىگە يېقىن بولغان جىسىم يەر شارىنىڭ تارتىشىغا ئۇچراشتىن ھاسىل بولغان كۈچتۇر.

( 2 ) بېسىمنىڭ مۇقىم يۆنىلىشى يوق، لېكىن باشتىن-ئاخىر كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغان جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش يۈزى بىلەن تىك. ئېغىرلىق كۈچى مۇقىم يۆنىلىشلىك، دائىم تىك تۆۋەنگە يۆنەلگەن بولىدۇ.

( 3 )بېسىم كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن ھاسىل بولىدۇ ھەم بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. جىسىم گورىزونتال يۈز ئۈستىدە قويۇپ ھەمدە باشقا تاشقى كۈچ بولمىغاندا، بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش. جىسىم يانتۇ تەكشىلىككە قويۇلغان چاغدا، بېسىم كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بۇلىدۇ. جىسىم تەرىپىدىن بېسىلغاندا، بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. جىسىم ئېسىپ قويۇلغاندا، ئېغىرلىق كۈچى بېسىم كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

( 4 ) بېسىمنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى جىسىمنىڭ كۈچكە ئۇچرىغان يۈزىدە بۇلىدۇ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى، قائىدىلىك بولغان گېئومېتىرىيىلىك جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى جىسىمنىڭ گېئومېتىرىيەلىك مەركىزىدە بولىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]