"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
1
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
The Uyghurs are known in Central Asia for their Laghman
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ
»ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ« ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ
September 2017, LONDON | www.uyghurensemble.co.uk/uy | www.azizisa.org
2
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ
ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ
ﯞﻩ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﮬﺎﻳﺎﺕ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﮬﯩﻤﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻗﻮﺷﻨﺎ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ،
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ
ﻗﯩﺘﺌﻪ
ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ
ﭼﯩﻘﯩﭗ،
ﺑﯩﺮ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻛﯜﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ
ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ )ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ( ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ،ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻤﯘ
»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ«
)лагман
(Уйгуриский
ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺑﯩﺮ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ
ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ « ) (Лагманﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ،ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ
ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
3
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
21ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ،ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﯞﻯ،
ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭ ـ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ
ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ 1991ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ
ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ
ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ
ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ
ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ
ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ »ﺳﯩﺘﺎﻥ« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ )ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ
ﺭﯦﺴﭙﯘﺑﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ( ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
25ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ
ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ،ﺋﯚﺯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ
ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ،ﺋﯚﺯ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﺨﻮﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ 10ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﮬﻪﻡ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ
ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ
ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ
4
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺗﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﯨﺞ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ
ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ« ﻧﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ 2001ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ
ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ،ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ
ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ،ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ
ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ ـ ﺋﯘﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ » 11ـ
ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ« ﺗﯧﺮﺭﻭﺭ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ »ﺗﯧﺮﺭﻭﺭ« ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ
ﺑﯘ
ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ
ﯞﻩ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ
ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ
ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺭﯗﺱ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭ
ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ
ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﺪﯗﺭ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 25ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ،
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ،ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ؟
5
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺋﻪﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،ﮬﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﻱ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ« ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ
ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻢ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1999ـ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﻜﻪ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ 15ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ
ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 2015ﯞﻩ 2016ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺯﺍﻕ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻨﯩﯔ
»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﻯ ـ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ
ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ
ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ،ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯜﻧﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ
ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻥ ـ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ
ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ،ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ،ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ،
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ »ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ،
ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ« ﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ 21ـ
ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﻯ
6
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ!
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ
ﻛﯜﻧﺪﻩ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ
ﺋﯚﺯ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﺧﺎﻟﯩﺲ
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯧﮫﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻼﻳﻠﻰ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ
ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ
ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ
ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ .ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ
ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ.
1
ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 20ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰﻛﻰ »ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ« ﺧﺎﻡ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ
ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.
2
1
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ« ،ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺑﺎﻗﻰ 1 ،ﺑﻪﺕ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2005 ،ـ ﻳﯩﻠﻰ.
ISBN 1 3856 5372 7
2
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ « )ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﮬﯜﻧﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ( ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ
ﻧﯩﻜﻮﻝ ﺭﻭﺩﺩﺍ .ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ « ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2014ـ ﻳﯩﻞ ﻗﯩﺶ 4ـ ﺳﺎﻧﻰ 5 .ـ 6ـ
ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
La technique de fabrication des layman ouïghours au Kirghizstan, Nicole Rodda.
Regard sur les Ouïghour-e-s N°4: http://www.oghouz.org/revus.html
7
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺭﻭﻟﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭ ﯞﻩ
ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ
ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ ،ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺲ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ
ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺯﯨﭻ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯗ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ
ﮬﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ
ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ
ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ
ﺑﺎﻻ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﻮﯕﻠﯘﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ »ﮬﻪﻱ ﻟﻪﻗﯟﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ـ ﺑﯩﺮ
ﮬﯚﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ
ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ
ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ
ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ
ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ
8
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪ ،ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ ،ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ
ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ »ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ« ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﻪﺭﭼﻪ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﭼﯩﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﭼﺎﻥ ،ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ،ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻳﻮﻕ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺭ ،ﺗﺎﻻﺵ
ـ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯘ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ
ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺧﻮﺵ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ »ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﺋﯧﺸﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎ» ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯧﺸﻰ« ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻳﺪﯗ.
3
3
.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ :ﭘﻮﻟﻮ ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﺋﯧﺸﻰ،
ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯧﺸﻰ ،ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯧﺸﻰ ،ﮔﯚﺵ ﻧﺎﻥ ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺋﯧﺸﻰ ،ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﮬﺎﺭﺩﯗﻕ ﺋﯧﺸﻰ ،ﭼﯚﭖ ﺋﺎﺵ ﭼﻮﻗﺎﻥ
ﺋﯧﺸﻰ ،ﺑﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﯧﺸﻰ ،ﮬﺎﻟﯟﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯧﺸﻰ ،ﺳﯜﺗﺌﺎﺵ )ﺋﺎﻗﺌﺎﺵ( ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﯧﺸﻰ ،ﻛﯚﻣﻪﭺ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﺋﯧﺸﻰ ،ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭ
ﺋﯧﺸﻰ ،ﻧﺎﺭﯨﻦ ﻣﻪﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﻰ ،ﺷﻮﻳﻼ ﺑﯧﺨﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﻰ )ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺋﯧﺸﻰ( ،ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﺸﻰ )ﻧﻪﺯﯨﺮ ﺋﯧﺸﻰ( .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ .ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ
ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺭﯛﭖ ـ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ« ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ :ﻣﻪﺳﯘﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ،ﺭﻩﯞﻩﻳﺪﯗﻟﻼ
ﮬﻪﻣﺪﯗﻟﻼ ،ﺷﯩﺮﯨﭙﺠﺎﻥ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﺮ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ ،ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ 2010ـ ﻳﯩﻠﻰ 138 ،ـ 139ـ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
9 47 7013 601 978 ISBN
9
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ
ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ
ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻛﯜﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ
ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ
ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻙ
ﺩﻭﻧﺎﻟﺪﺱ ) (McDonald’sﺗﯩﺰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﭘﯩﺴﺎﺳﻰ ) ،(Italian pizzaﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ
ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ) ،(Chinese Takeawayﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻛﺎﯞﺍﭖ ﯞﻩ ﺩﯙﻧﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ) ،(Turkish kebab, dinerﮬﯩﻨﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺭﺭﯨﻲ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ) Indian
(curryﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻮﻟﯘ ،ﻛﺎﯞﺍﺏ ،ﻣﺎﻧﺘﺎ ،ﺳﺎﻣﺴﺎ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ،ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ،ﺋﯩﺮﺍﻥ ،ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﯞﻩ
ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﻱ
ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺷﯘﻛﻰ
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﻮﻟﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ 60ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ
ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﻪﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ
ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﻮﻟﯘ ﯞﻩ ﺳﺎﻣﺴﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ
»ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻛﯜﭺ« ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮﯞﯨﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯚﺯ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ »ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯧﺸﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﮫﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ
ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ
ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ،ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
10
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ
ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ
ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗﻛﻰ ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻰ ﻛﯚﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﻳﯧﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﻻﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭﻧﯩﯔ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﺎ« ﺩﻩﭖ
ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ،ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﺰﻟﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯗﺭ» .ﻣﻪﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ،ﻣﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﭺ
ﯞﺍﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﺴﻪﻣﻤﯘ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻳﻤﻪﻥ…« .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﯘﺯﯗﺭ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯓ ـ ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﮫﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﮫﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ،ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺗﯧﻴﯩﭙﺠﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻴﻮﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺟﻪﺩﺩﯨﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺗﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ:
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻤﻨﻰ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩﯖﻼ،
ﻣﻪﻧﺘﯩﯖﯩﺪﻩ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼ.
ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﯟﺍﭘﺘﺎ،
ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺩﯙﯕﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﯕﻼ.
ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻱ،
ﻗﯩﻠﺒﻪ ـ ﭘﯩﻠﯟﻩ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
11
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﻣﺎﻧﺘﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ،
ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺧﯧﻠﻰ »ﭘﻮﻟﯘ ﭘﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ!« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ.
ﺋﺎﺵ ﻣﺎﻧﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻣﻪﺷﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
4
ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ.
ﻳﻪﻧﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﺎﻛﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ:
ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ،ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ،ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ،
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ،ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ،ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻟﻪﺭﻧﻰ،
ﻳﯧﺪﯨﻢ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﻪ ﻣﺎﺷﺨﻮﺭﺩﺍ ،ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﻮﺭﮔﺪﺍ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻰ،
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﺠﻪﺵ ﺋﺎﺵ ،ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﻕ ﺑﻪﻟﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ،ﺋﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﻪ ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﻰ.
5
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﯩﻨﺲ ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ »ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘ« ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭼﯧﮕﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ
ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﮫﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻡ
4
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ « ـ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺑﺎﻗﻰ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2004 ،ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ 133 .ـ ﺑﻪﺕ.
ISBN1 3856 5372 7
5
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻰ« ـ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪﺱ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ.
ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ « ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2014ـ ﻳﯩﻞ ﻗﯩﺶ 4ـ ﺳﺎﻧﻰ.
La technique de fabrication des layman ouïghours au Kirghizstan, Nicole Rodda.
Regard sur les Ouïghour-e-s N°4: http://www.oghouz.org/revus.html
12
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ
ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻼﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﻙ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﻪﺗﺘﻪ
ﺋﯧﻘﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ »ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘ« ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ
ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻝ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ
ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻏﯘﻟﺠﺎ ،ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﻘﻘﻮﺭﻏﺎﻥ )ﺗﺎﻟﺪﻳﻘﻮﺭﻏﺎﻥ( ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ
ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ
2009ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 249ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ
ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ
ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺳﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ
600ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
6
6
.ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ -ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ
300ﻣﯩﯔ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 600ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qazaqistan-uyghur-04122013210721.html
)Uyghurs in Kazakhstan (Forced migration online
http://www.forcedmigration.org/podcasts-videos-photos/video/across-the-border/
SOVIET ETHNIC GROUPS SENT TO KAZAKHSTAN
http://factsanddetails.com/central-asia/Kazakhstan/sub8_4b/entry-4643.html
Miniature Empires: A Historical Dictionary of the Newly Independent States
by James B. Minahan Publisher: Greenwood (October 23, 1998) ISBN-10: 0313306109
13
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.1ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﺭﺍﻟﺘﺎﻱ ) (боралтайﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ 2003ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ
ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﻣﻪﻥ 2003ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ
ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ،ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ »ﭼﯩﻤﺒﯘﻻﻕ« ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ
ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ،ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ) (Уйгуриский лагманﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ
ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺘﯘﻡ .ﺑﯘ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻧﻰ ﻳﯧﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯚﭘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﻣﯘﺯﻻﺗﻘﯘﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ
ﺗﯘﺭﯗﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﭖ ﺧﯧﻤﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ
ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ،ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﺑﯘ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ
ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﯘﻣﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻢ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ
14
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﭽﻪ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﻧﯜﭘﻤﯘ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﻻ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﺯﺍﻕ
ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ
ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻛﯚﭖ
ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 20ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﮬﻪﺟﯩﻤﻰ
ﯞﻩ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 25ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ
ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﮕﻪ ،ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﯞﻩ
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺯﺍﻕ
ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ،ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺗﻪﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﻲ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
7
7
.ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ 2015ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﺴﭙﻮﺭﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 20%ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
Kazakhstan: Market Profile 30 April 2016، Hong Kong Trade Development Council
China is currently the largest trading partner of Kazakhstan (accounting for some 20% of Kazakh’s total
trade), and Kazakhstan is China's second largest trading partner in the CIS region after Russia.
http://china-trade-research.hktdc.com/business-news/article/The-Belt-and-RoadInitiative/Kazakhstan-Market-Profile/obor/en/1/1X000000/1X0A374B.htm
15
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ
ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ .ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻧﺎﺷﺘﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ،ﭼﯜﺷﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻛﻪﭼﺘﻪ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﺘﯩﭗ
ﻳﻪﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯘﭺ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﻪﻳﺪﯗ.
ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﻠﻤﻪﻱ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ،ﮬﯜﻧﻪﺭ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ
ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ،ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ،ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺭﺍﮬﻪﺕ
ﯞﻩ ﻛﯜﭺ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯗﺭ.
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ
ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ » Уйгуриский
) «лагманﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺴﯩﺰ .ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ
ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺧﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ
ﻏﻪﺭﺏ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﭼﯚﭘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ،
ﻣﯘﺯﻻﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ،ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻳﯧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ
ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯘﺯﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﮫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ.
ﺑﯘ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ
ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥУйгуриский » :
гавруـ ) «лагманﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ـ ﮔﻮﻳﻮﺭﯗ ـ 过油肉过油肉ـ ган панـ ﮔﯘﺭﯗﭺ ﺋﺎﺵ .(干饭
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﭘﻮﻟﯘ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﯩﺰ
ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﭘﻮﻟﯘ ،ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ
ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
16
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮒ :1
ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ
ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺗﺎﻛﺴﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ
ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ .ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ 25ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﺩﻭﭘﭙﺎ،
ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺧﺎﻻﺕ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻛﻪ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺑﯘ
ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ
ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ
ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ »ـ ﺋﺎﻛﻪ ،ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ؟« ﺩﻩﭖ
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ »ـ ﮬﻪﺋﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ» :ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ!« .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ »ـ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ
ﺋﯘﻛﻪ!« ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ .ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺑﯘ ﺗﺎﻛﺴﯩﭽﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ »ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘ
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ!« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﻩ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ـ ﺩﻩ ،ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ »ﺑﯘ
ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ
ﺑﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ،ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﭽﯘ…« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ »ـ ﺋﯘﻛﻪ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﻗﺸﻰ ﺟﺎﻏﺪﺍﻳﻼﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺳﻪﻥ
ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻗﺸﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩ؟« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ »ـ ﺟﻮﻕ ﺋﺎﻛﻪ،
ﺑﯩﻠﻤﯧﻴﻤﻪﻥ!« ﺩﻩﭖ ﺗﯧﺰﻻ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ.
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﺭﯗﺱ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ
ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 25ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ! ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﻨﻰ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﻱ 2015ـ
ﻳﯩﻠﻰ 1ـ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ـ »ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﯩﻨﺲ
ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ«.
17
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ
ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ
ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ
ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ
ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 687ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ 30 ،ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻥ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﯧﻨﻨﯩﺲ ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﻰ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ !
8
8
.ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻧﺪﻯ.
Самый большой в мире лагман приготовили в Алматы
http://rus.azattyq.org/a/26988849.html
https://www.youtube.com/watch?v=neys7K2WJGs
https://tengrinews.kz/strange_news/samyiy-bolshoy-v-mire-lagman-prigotovili-v-almatyi-274121/
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ
http://www.nur.cn/news/2016/04/286538.shtml
18
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.2ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ.
.3ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ »ﺷﻪﺭﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ« ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﻣﻠﯩﻜﻰ.
19
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ
ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ
ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘﺭ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﻮﻳﯘﻗﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ 13ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ
ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺕ ـ ﭼﯚﭖ ﯞﻩ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﻣﻮﻝ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
9
ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ
ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ
ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ
ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 14 ،ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ« ﺩﻩﭖ
ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ
.9ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ 13
ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ،
ﺳﺎﻳﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
Origins of the Kyrgyz people - with the rise of the Mongol Empire in the 13th century, the Kyrgyz
migrated south. Plano Carpin, an envoy of the Papal states, and William Rubruck, an envoy of
France, all wrote about their life under the Mongols. Various Turkic peoples ruled them until 1685,
when they came under the control of the Oirats (Dzungars).
http://www.bbc.co.uk/news/world-asia-16185772
https://www.britannica.com/place/Kyrgyzstan#ref599002
.9
20
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﺱ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ
ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﻗﺎﺯﺍﻕ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ،ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ،ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ
ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﺍ
ﺳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﯧﺰﯨﭗ
ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ
ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ،
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
ﻛﯚﭼﯜﭖ،
ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ
ﻳﺎﺷﺎﺵ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﮬﺎﻳﺎﺕ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ »ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ« ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ
ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
10
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﻟﻪﺭ ،ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻠﯜﻙ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭ ـ ﻳﯚﻟﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻨﺎﻕ
ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘ ،ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ
ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﯞﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﯓ
ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
10
.ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺳﺴﻪﯞﻯ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ) ،ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ
ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ( ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻠﻪﺭ .ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ
ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ
ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ
ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ،ﺋﺎﺗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ،ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﺘﺪﺍﺵ ،ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺩﺍﺵ
ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﺗﺘﯘﻻﺭ» .ﮬﯚﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ « ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ :ﺗﺎﮬﯩﺮ ﻗﺎﮬﺎﺭ،
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1994ـ ﻳﯩﻠﻰ2 0393 8250 5 ISBN .
21
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ 9 ،ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ »ﺋﻮﺭﺩﯗ ﻛﻪﻧﺖ« ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 13 ،ـ
ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ 300ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ،ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ
ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ
ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ
ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
11
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ 25ﻳﺎﺷﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ
ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﮬﺎﻳﺎﺕ
ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ
ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻝ ـ ﭼﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
12
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ 50ﻣﯩﯔ
ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻏﻪﻳﺮﻯ ـ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻡ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ 200ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ ،ﺋﻮ ﺵ، 13
11
.ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ »ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺖ « ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ،ﺧﺎﻥ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ،
ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ).ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻲ »ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧ ﻰ« 1ـ ﺗﻮﻡ( .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪﺭ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ـ ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ
ﺋﯩﺪﻯ 10 .ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﺸﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻗﺪﻩﺳﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ» :ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻛﯚﭖ ،ﭼﻮﯓ ﯞﻩ ﺑﺎﻱ
ﺷﻪﮬﻪﺭ«ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺮﯨﭽﻪ »ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ .ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ
ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ « .ـ ﮬﺎﺟﻰ ﻧﯘﺭﮬﺎﺟﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ
ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
12
.ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ 9ـ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ.
13
» .ﺋﯘﭺ « ـ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ» .ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ .ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«» ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ«» ،ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ
ﺑﯩﻠﯩﻚ « ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ«» ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ
ﺯﻩﻳﻠﻰ«» ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺪﻯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ
»ﺋﯘﭺ « ﻛﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ،ﺋﺎﻗﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻧﺴﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ
ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ »ﺋﯘﭺ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ »ﺋﯘﭺ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ 11 ،ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ
22
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮫﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ،ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ »ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
)ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ »ﺋﯘﭺ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﭺ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﭼﯩﯔ
ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1765ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﻪﮒ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﻪﮒ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ
ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ »ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻘﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﭼﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ،ﭘﯩﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭺ
ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﭺ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ،ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺷﺎﻻﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ـ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ
»ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ »ﺋﯘﭺ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﻣﻰ »ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ
ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ 300ﻛﯩﻠﻮ ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﺗﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ
ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺪﺍ »ﺋﯘﭺ « ﺷﻪﮬﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ »ﺋﯘﭺ « ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﺍ
»ﺋﻮﺵ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
http://gumadiyari.com/bbs/archiver/tid-9434.html
http://bbs.weiwuer.com/forum.php?mod=viewthread&tid=7
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯜﭼﻴﯜﺯ ﺗﻮﻗﺴﺎﻧﺒﻪﺵ ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ »ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺪﯨﻲ « ﺩﻩ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﻰ
»ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ »ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:
»ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻢ ،ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﺮﺩﯗﺭ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻰ ›ﺋﯘﭺ‹ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﺧﺎﻥ ﺯﻩﻣﺎﻧﻪﻟﻪﺭﯨﺪﻩ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻯ ﺑﯩﺌﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﺩﯨﻦ ﻛﺎﻳﯩﺐ ،ﺋﻪﻣﯩﺮﯗﻝ ﺋﯘﻣﻪﺭﺍ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ ﺟﻪﺑﺒﺎﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺑﻪﮒ ﺩﻭﺧﺘﯘﻳﻨﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪ
ﺋﯩﺒﻪﺭﺗﯩﭗ ،ﺋﯘﭺ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻧﺪﻩﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﺕ ـ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﭗ ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ
ﺋﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ،ﺋﺎﺑﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻛﻪﻥ .ﺑﯘ ﯞﻩﺟﮫﺪﯨﻦ ،ﻛﻪﻧﺖ ـ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻢ ـ ﻧﺎﻣﻼﺭﻯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ
ﻛﻪﻧﺖ ـ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﯘﺳﻪﻣﻤﺎﺩﯗﺭ › :ﺋﯘﭺ‹ ﻟﻪﻓﺰﯨﻐﺎ ›ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ‹ ﻟﻪﻓﺰﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﻪﺯﺯﻩﻡ ﺋﻪﺗﯩﭗ› ،ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ‹
ﺩﻩﭘﺪﯗﺭ .ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻏﻼﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ›ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ‹ ﺋﺎﺗﺎﭘﺘﯘﺭ« )ﻗﺎﺭﺍﯓ› :ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺪﯨﻲ‹ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ 342 ،ـ ﺑﻪﺕ 7 ،ـ
13ـ ﻗﯘﺭﻻﺭ(
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ـ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ ›ﺋﯘﭺ‹ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﺧﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ،ﺧﻪﻟﻘﻰ
ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ ـ ﺋﯩﺘﺎﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ،ﺧﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ،ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ،ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺑﻪﮒ ﺩﻭﺧﺘﯘﻳﻨﻰ
ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ،ﺋﯘﭺ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﺭﺕ ـ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ
ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ
ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻧﻰ ›ﺋﯘﭺ‹ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ›ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ‹ ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ› ،ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ‹ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ،ﺋﺎﯞﺍﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ›ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ‹ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ( .ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﺳﺎ
ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻲ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﺩﯨﻜﻰ »ﭺ« ﺗﺎﯞﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺵ«
ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻣﻼﺭﭼﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ )ﺋﻪﻏﻼﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﻪ( ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ
ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ،ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﯩﻠﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜﭖ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﻧﯩﯔ
»ﺋﯘﺷﺘﯘﺭﭘﺎﻥ« ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ
23
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﻮﺭﺍﻥ ـ ﭼﺎﭘﻘﯘﻥ
ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ »ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ« ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ
ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.
14
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ »ﭺ ← ﺵ« ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ،
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.
http://ijtihat.blogspot.co.uk/2009/03/blog-post_19.htmlـ
14
.ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ »ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ 1923 :ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻴﯘﺭﻭﺳﯩﻐﺎ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ 265ﻣﯩﯔ ،ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ 30ﻣﯩﯔ،
ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﺪﺍ 300ﻣﯩﯔ ،ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ،2500ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺘﺘﻪ 2500ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 600ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ 1924 .ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ
ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 435ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﺸﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ ﺑﯘﺭﮬﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻮﻑ،
1924ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ
ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ 600ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﺍ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 300ﻣﯩﯔ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 70ﻣﯩﯔ ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 115ﻣﯩﯔ ،ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 15ﻣﯩﯔ
ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺕ
ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﯩﭗ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ،ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﭖ ،ﻳﻪﻧﻰ 1925ـ ﻳﯩﻠﻰ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ « ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ
ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ 500ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 700
ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ .ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ 1924ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ
ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﻪﻙ ﻳﻮﻕ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ
ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ :ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭﻯ http://www.akademiye.org/ug/?p=705
24
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ 2015ﯞﻩ 2016ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ،ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﭼﯧﮕﺮﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 150 ،ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ
ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﺷﯘ
ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ
ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ 2009 .ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ 67،100ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯧﺸﻰ ﺧﺎﻣﻠﯩﺪ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ
ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻟﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ 20ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺧﺎﻟﻤﯩﺪ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻟﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ» :ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ
ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭖ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ 1940ﯞﻩ 1950ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﻮﯞﯦﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﯚﭖ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ 1950ـ
ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻮﻣﯧﺸﭽﯩﻚ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ
ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺕ ـ ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ
ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ
ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﺴﭙﻮﺭﺗﯘﻣﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ!«.
ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺧﺎﻟﻤﯩﺪ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻡ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ
ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ »ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ« ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
25
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.4ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﺘﻰ ﻳﯧﮕﯩﺖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ) .ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﻩ
ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﻟﻤﯩﺪ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ(
ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ 1999ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺑﯘ
ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ
ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ 25ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ
ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻏﯘﻻﺗﻘﺎﻥ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺗﯚﺕ ﭘﯩﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﮕﻪ ﮬﻪﻳﺪﯨﯟﯦﺘﯩﺶ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ،ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
26
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﭺ
ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻥ
ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ
ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ
ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ
ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ
ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﻛﯚﻝ
ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﻝ
ﯞﻩ
ﻧﺎﺭﯨﻦ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻍ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﯨﺰﯨﺴﯩﺰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺳﺎﻳﻪﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﯞﯨﺰﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ
ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2015ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺱ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،
ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ
ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﯘﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺳﯧﮫﯩﺮﻟﯩﻚ
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺗﯩﻖ ﺗﯩﻠﻤﯘ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ـ ﺗﻮﻻ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮪ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﭺ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ
ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮪ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ
ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﺸﻰ 70ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺘﯩﻜﻠﯩﻜﻰ،
ﺧﯘﺵ ﭘﯧﺌﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
27
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﭼﻪ ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﺗﺘﯩﻢ .ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ
ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰ ،ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ
ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﻯ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺗﺎ ـ
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ
ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ
15
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﭼﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻥ ،ﻣﯧﯟﻩ ـ ﭼﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ
ﭼﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻩﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺰﻣﯘ
ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﻛﻜﻪﭺ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ـ ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ.
.5ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮬﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺵ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ـ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ
.15
28
ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ،ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﭼﯩﻨﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮒ :2
ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ .ﺋﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺭﯨﯖﯩﻤﯩﺰ
ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ» :ـ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ »ـ ﻣﻪﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺋﺎﯞﯗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ … « ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ .ﺑﯩﺮﺍﻕ
ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ .ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ
»ـ ﮬﻪ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯓ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﯘ؟« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ »ـ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ
ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ .ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ
ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ .ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺪﯗ« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ
ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ـ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯓ ،ﺳﯩﺰ
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻨﻤﯘ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ »ـ ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰ
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻤﻪﻥ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ
ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ »ـ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺧﻪﻟﻖ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟« ﺩﯦﺪﻯ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ
ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻢ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﯚﯕﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ،
ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ـ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯩﺰ ،ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ
ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺖ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﯩﺰ
ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ
ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺳﯩﺰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﭼﯩﻨﺎﺭﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ »ـ ﺳﯩﺰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻰ ﺩﻩﻣﺴﯩﺰ .ﺋﯘ ﺑﯩﺰ
29
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ …
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ ﺧﻪﻕ ،ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ… .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺷﻨﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﻳﯜﺳﯜﭖ
ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ… «.ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ
ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ .ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻤﯘ »
ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎﯕﻼﺭ! ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ!« ﺩﻩﭖ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺷﯘ
ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﭼﯩﻨﺎﺭﺍﻏﺎ »ـ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻪﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ .ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ،ﺑﯘ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ
ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻳﻠﻰ!« ﺩﻩﭖ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ.
ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﺪﻯ… .ﺑﯘ ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ
ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻦ
ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ،ﻗﺎﺯﺍﻕ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ
ﻛﻪﺗﺘﯘﻗﻤﯘ ﺯﺍﺩﻯ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ!« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﭺ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻢ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯜﭼﯘﺭﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻼ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺯ
30
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
16
ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ .ﺑﯘ
ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯘﻕ.
ﺭﺍﺳﺖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ،ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ
ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ »ﺋﺎﺭﺯﯗ«» ،ﺩﯨﻴﺎﺭ«» ،ﺋﺎﺭﻛﺎﺩﺍ«» ،ﻓﺎﻳﺌﯩﺰﺍ«» ،ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ«» ،ﺋﺎﺗﯘﺵ«» ،ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ«» ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭼﻮﯓ ـ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ،ﺋﺎﺗﯘﺵ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ،ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ،ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ،
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺗﺎﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ »ﻣﺎﺩﯨﻨﺎ« ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭘﺘﯘ.
17
16
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ « ـ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ 2ـ ﯞﻩ 5ـ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ.
17
.ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ »ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ « ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ـ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ « ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ـ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» .ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ « ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ 2002ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺘﺎﻱ ﺳﻪﻟﯩﻤﯘﻓﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 14ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﭗ ،ﺳﻮﺩﺍ
ـ ﺳﯧﺘﯩﻖ ،ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ،ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ،ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ،ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ
ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/bishkek-medine-baziri-02262016185201.html
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ »ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ« ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ http://uyghur.people.com.cn/157570/15408997.html
31
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﻏﺎﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ
ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﻝ ـ ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ
ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ـ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ،ﻛﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﭙﺘﯘ
ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭙﺘﯘ.
6ـ ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ.
32
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮒ :3
2016ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ »ﺋﺎﻕ ﺋﯚﻱ« ﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ »ﺋﺎﺭﺯﯗ« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﯩﻐﺎ
ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ
ﺗﺎﻛﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﺘﯘﻡ .ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ 50ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﺩﻭﭘﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻛﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺮﺍ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ 100ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺳﻮﻣﯩﻐﺎ ) 1ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ(
ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.
»ـ ﺳﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﺎﻛﺎ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯘﺭﻗﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ .ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ـ ﺳﯩﺰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ »ـ ﺟﻮﻙ ﺋﯘﻛﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 3ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻟﮫﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼ … ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﺑﻪﻛﻤﯘ؟« ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻢ ﺋﯘ
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﻤﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯗ ،ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻼﺷﺘﺎ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯗﻡ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﭼﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯗ» .ـ ﻳﺎﻕ ﺋﺎﻛﺎ ،ﻣﻪﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ!« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﺑﺠﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻗﻤﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﭼﺎﻗﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻻﺩﺍ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ
ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻟﯘﻕ ﺋﯚﺳﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺷﺎﻻﯕﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻛﻪ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ »ـ
ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﻪﻟﻘﻤﯩﺰ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﺎﺯﺍﻗﻨﻰ ،ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ
ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻤﯩﺰ …« .ﺋﯘ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ
ﺗﺎﻛﺴﻰ »ﺋﺎﺭﺯﯗ« ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ،ﻣﻪﻥ
ﺗﺎﻛﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ» ،ـ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯓ ﺋﺎﻛﻪ!« ﺩﯦﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ
ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﭺ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
33
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻴﻨﯩﯔ »ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ«» ،ﻣﯧﮫﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﭼﺎﻳﺎﻥ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ
ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻪﮒ«» ،ﺑﺎﺑﯘﺭﻧﺎﻣﻪ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ
ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ،ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﯞﻩ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺘﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ 2003ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻜﻪ
ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻦ 1000ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯘﺯﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺵ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ،ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺵ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ
ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﻮﺵ
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ
ﭼﯧﮕﺮﺳﻰ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻐﺎ
ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﯩﻦ 13ﻳﯩﻞ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ
ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﻮﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮﻯ
ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺸﻜﯧﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ
ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ
ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ
ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ
ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ
ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯩﻴﯘﺭﻭﻛﺮﺍﺕ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘﻥ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ
ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﻩ
ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ .ﻣﯧﻨﯩﯔ
34
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ 2003 .ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻥ
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ـ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ـ
ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ
ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻢ ﺯﯙﺭﯛﺭ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﻙ ﺗﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ،ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ
ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻣﺎﺩﺍﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﺩﻯ .ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ
ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﭽﻪ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ »ـ ﺳﻪﻥ
ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯨﯔ؟ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﻜﯩﺴﺘﯩﺮﻣﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ .ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯖﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻳﻮﻕ!« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ »ـ
ﻳﺎﻕ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ .ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯘ
ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ .ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩﻤﯘ ﺳﻮﯞﯦﺘﻼﺭ
ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﯔ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻖ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ 20ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ… ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ 140ﻣﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ
ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ…« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ »ـ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ »ـ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ،
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻘﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯔ ﯞﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ،ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ… «.ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ .ﺷﯘ ﺗﺎﻻﺵ ـ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ 30ﺩﻭﻟﻼﺭ
ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﻜﻪ
ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ.
35
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﯗﺭﯗﻣﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﻤﯘ ـ ﻗﺎﺕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ
ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ـ ﺗﻮﻻ
ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺗﯘﺭﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻢ.
ﻳﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯘﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ـ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻤﯘ؟« ﺩﻩﭖ
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻣﻪﻥ »!) «Sorry, can you speak English? Pleaseﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ،ﺳﯩﺰ
ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻣﺴﯩﺰ؟( ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ
ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ
»? «Waht’s your nationalityﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ») «I am Britishﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ( ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ
ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .ﺋﯘ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ »? «No, I mean what’s your nationalityﺩﻩﭖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ » .«I am Britishﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ »? «But you have a muslim name, are you muslimﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ
») «Yes,in Britain,there are 3 million muslims populationﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯦﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺑﯩﺮﺗﺎﻧﯩﻴﻪﺩﻩ 3
ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ( ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭙﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ
ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻤﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 13ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘﻧﻤﯘ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ
ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻏﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ 1ـ
ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 25ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ
ﺋﯘﭼﯘﻧﻤﯘ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﻙ ﯞﻩ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﻼﺭ
ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺷﻮﺋﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺭﻩﯕﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻗﻤﯘﺵ ـ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ »ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 25ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﻳﻤﯩﺰ«» ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯘﺭ«» ،ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﮪ ﻛﻪﺑﻰ
36
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﺘﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ
ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻼﺭ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ.
18
ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﺘﺮﻭﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ
ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﺒﺎﺯ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ »ﺋﻪﻓﺴﻮﻧﺎ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻰ« ﻏﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ .ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« )(Уйгурский Лагман
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﺩﻩ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ .ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ »ﺑﯩﺰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﮬﻪ …« ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻠﻰ ،ﻧﻪﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻳﻠﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﮕﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﺳﯩﯖﯩﭗ
ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﺴﯩﺰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰ ﻏﯘﺭﺑﻪﺕ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰ ﺗﻪﻣﺴﯩﺰﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ
ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ
ﯞﻩ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ
ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯘ
ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ـ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ
ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﺧﯩﯟﺍﻏﯩﭽﻪ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ـ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ
ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ،ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻢ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ
ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
18
.ﺋﯧﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ:
http://www.azizisa.org/elixan_tore_saguni_kochisida
37
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ«ﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭼﺎﺭﺳﻮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ
ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﯩﺠﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺑﯩﻨﻜﻪﻧﺖ« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﯩﻐﺎ
ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ
ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﻣﻪﻥ 2003ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﺍ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
.7ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﻯ.
38
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯘﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ
ﭘﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﺵ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ
ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯧﺪﯨﻴﺎﺳﯩﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ«
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ
ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
19
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﺵ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ
ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ
ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﯩﯟﺍﻏﺎ ﺗﻪﻙ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﻛﯩﺮﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﻮﺭﯗﻕ
ﺧﯩﯟﺍﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ
»ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ« ،ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ »ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ
ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﻩﺭﺩﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﯞﻩ
ﺷﻮﭘﯘﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺮﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﺎ ﻣﻪﺩﯨﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﯩﯟﺍﺩﺍ ﻳﯧﻤﻪﻙ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 998ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﭼﯚﻝ ﺟﻪﺯﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺧﯩﯟﺍﻏﺎ
ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ 13ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺭﺍﮬﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎﮬﻰ ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ
19
.ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﯧﻨﯩﺲ ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ؛ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﯩﺖ 21ـ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ
ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ،ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺟﺎﻧﯩﻴﯩﻒ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ 351.1ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺧﯧﻤﯩﺮﺩﯨﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺟﯧﻨﯩﺲ
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ ،ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯚﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻧﺒﻪ:
http://kshawar.cn/korux.asp?id=1072
)ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ 6ـ ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ(
39
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﭼﯚﻟﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺑﯘ ﻛﯩﺮﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ
ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ
ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﯗﻕ … ﺷﻮﭘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ
ﻛﯩﺮﺍ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ 175ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ) $50ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ(.
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺳﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ
ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
.8ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ـ ﺧﯩﯟﺍ ﻳﻮﻟﻰ
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ ﯞﻩ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻻﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ
ﺋﯚﺗﯜﭖ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺭﺍﻝ
ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ
ﮔﯩﺮﯞﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻨﯩﯔ
ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ
ﺧﯩﯟﺍﺩﺍ
ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ
40
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻝ
ﻳﻮﺭﯗﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ
ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ 4ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﻮﺭﯗﭖ ،ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ
ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ
ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﯗﻕ.
ﺑﯘ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ ﻗﯩﺰ
ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯩﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﭺ »ﺧﻮﺵ
ﻛﻪﭘﺴﯩﻠﻪﺭ!« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ
ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ») «Уйгуриский лагманﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ( ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺘﯘﻡ.
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﺘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﻧﺎﻥ ﭼﯩﻼﭖ ﻣﻪﺯﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺪﯨﻢ ،ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﭼﯚﭘﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﭼﯚﭘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﯞﺯﻩ ،ﭘﯩﻴﺎﺯ ﯞﻩ ﯞﻩ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﭼﯚﭘﯩﮕﻪ ﺧﯧﻠﯩﻼ
ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ
»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ »ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ« ،ﻳﺎﻛﻰ »ﭼﯚﭖ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ
ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯗﻡ.
41
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.9ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺧﻮﺵ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯧﮫﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﻯ؟ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﮕﻪﻧﻤﯘ؟ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻣﯘ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻳﻠﻰ.
42
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
»ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ
»ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻮﭘﻠﯘﻗﻼﺭﺩﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ
ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﯧﺪﺭﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ
ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﻰ 12000ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻧﯩﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﺴﻮﭘﻮﺗﺎﻣﯩﻴﻪ
ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﺎﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ
ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﯨﻜﻰ
ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯘﺯﯦﻴﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ 5000ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﯩﺸﯘﺭﻏﺎﻥ
ﻧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺑﻮﻻﻟﻼﻳﺪﯗ.
20
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ
ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺱ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﯚﺭﯛﭖ ـ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ
ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ
ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .ﻳﺎﯞﺭﻭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ
ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ
ﮬﺎﻳﺎﺕ
20
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ
ﻳﯧﻤﻪﻙ
ـ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ
.ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﯩﯔ 12ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ
Wheat: Twelve thousand year timeline: http://www.bbc.co.uk/food/0/24037899
43
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺧﺎﺱ
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﻧﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.
21
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯ
ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 5000
ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ
ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،
ﻧﺎﻥ
ﯞﻩ
ﭼﯚﭖ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺧﯧﻤﯩﺮ
ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ
ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
22
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ـ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ .ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ـ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺴﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯ ـ ﺗﻮﻻ ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﮬﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ
ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ؟
» . 21ﭼﻪﺭﭼﻪﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ،ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻻﭘﭽﯘﻕ ،ﻗﺎﺭﺍ ﺩﻭﯞﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 3ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ
ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﻧﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻼ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ
ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ «.ـ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ» ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﺴﻰ«
) ،(Uyghur Ethnographyﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ 1993 ،ـ ﻳﯩﻠﻰ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ؛ 112ـ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
22
.ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪﻩ 4000ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﭼﯚﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﭗ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﺳﻮﺩﺍ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 2015ـ ﻳﯩﻠﻰ 9ـ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺧﻪﯞﺭﻯ.
⻘青海海 4000 年年前地震现场:惊现〝⼀一碗⾯面条〞【新唐⼈人 2015 年年 08 ⽉月 09 ⽇日电】2015 年年 8 ⽉月 8 ⽇日,⼤大陆
媒体报导披露露,在⻬齐家⽂文化⻘青海海喇喇家遗址博物馆,距今约 4000 年年的⼀一场突发地震现场发掘后完整保留留下
来,灾害场⾯面惨烈烈,但⺟母亲守护孩⼦子、返身救助亲⼈人的遗存更更是穿越历史时空令⼈人动容. 华商晨报.
44
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.10ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ 4000ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺭﭘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﻧﻠﯩﻖ
ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ 2013ـ ﻳﯩﻠﻰ 3ـ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11ـ
ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ 1992ـ ﻳﯩﻞ 3ـ ﺋﺎﻳﺪﺍ ،ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﭽﺎﻥ
ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ،
11ـ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﭼﯚﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 8.5ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ
ﺋﯩﻜﻪﻥ.
23
23
2400 .ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ـ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ 1992 .ـ ﻳﯩﻞ 3ـ ﺋﺎﻳﺪﺍ ،ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ
ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ 11 ،ـ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ
ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ .ﺳﯘﻳﯘﻗﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ
45
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ،ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2400ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ
ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
24
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ
ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪﻩ
ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺯﯨﺮﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﭼﯚﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 8.5ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ
ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺶ 2011ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﯩﮕﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻻﻧﻐﺎﻥ .ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ـ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻟﯜ ﺋﯧﯖﻮﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ 40ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ،
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﺩﻩﭘﻨﻪ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻗﺎﭼﺎ ،ﻳﺎﻏﺎﭺ ،ﺗﯚﻣﯜﺭ ،ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ ـ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻗﻮﻱ
ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﻥ ـ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﯘﻣﺎﻕ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭﻏﺎ
ﺗﯧﺮﯨﻖ ،ﭘﯩﺸﻼﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ 2008 .ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ 2400ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .ﻛﻮﺭﯦﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ
ﺋﯘﻧﻰ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ .ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﻟﯜ ﺋﯧﯖﯘ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ«‹ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ:
»ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ )ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ( ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ 2400ـ 2500ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ
ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ .ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ
ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻥ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ«.
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ :ﺗﻮﺧﻨﯩﻴﺎﺯ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻧﯩﺪﺍﺋﯩﻲ.
24
.ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ )ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻢ( ـ ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﻧﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ )ﺟﻪﻣﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﻪ
ﻗﯩﺴﯩﻢ( .ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ
ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺘﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﻯ:
http://bbs.bagdax.cn/thread-8414-1-1.html
)ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ 6ـ ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ(
46
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﻭﺭ
ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
25
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ
8000ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﺎﺭﭘﺎ ﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯧﻤﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ
ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻛﻪﯓ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﭘﺎ ،ﺗﯧﺮﯨﻖ
ﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ
ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﮬﻮﺳﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ،ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ
ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 5000ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.
26
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻥ ،ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﮔﯚﺵ ﻳﺎﻍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﻡ
ﺋﻪﺷﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ
ﭘﯩﻠﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯩﺸﯩﺸﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺘﯩﺘﯩﭗ ،ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﯩﯖﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﭼﯚﭘﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ
ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﮬﯜﻧﻪﺭ ـ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ
25
.ﺧﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﯨﺒﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻳﯩﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ« ـ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺧﯥ
ﺟﯘﻟﺌﻪﻥ ،ﮔﯜﻳﺠﻮ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ
“汉唐⻄西域饮⻝⾷食⽂文化论⽂文” 作者:贺菊莲 单位:贵州财经⼤大学 - 东⻄西⽅方⽂文化的交流当然不不⽌止于新疆,⽽而是通
。过新疆这个纽带向两端极⼒力力延伸。从⻄西域以⻄西传⼊入⻄西域乃⾄至中国的动植物及⻝⾷食物制作技术、⻝⾷食品等很多
下⾯面略略举⼏几例例。⼩小⻨麦。⼩小⻨麦起源于⻄西亚,⽽而早在⻘青铜时代的孔雀河古墓沟就曾发现⼩小⻨麦籽粒。葡萄。众所
周知,葡萄是外来品。考古发现葡萄是汉唐时期塔⾥里里⽊木盆地及吐鲁番地区种植最⼴广的⽔水果,在⻄西域⼈人们⽣生
活中占有重要地位. http://www.zhazhi.com/lunwen/whls/yswhlw/74914.html
26
.ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﭘﻮﺭﺗﻼﻧﺪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻯ ﻛﻪﺭﯦﻦ ﻛﺎﺭ ) Dr.Karen Carr from Portland State
» .(Universityﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ :ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ
ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 8000ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﺋﯚﺳﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺍ ﻛﯚﻣﻤﯩﻘﻮﻧﺎﻕ ﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 5000ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ
ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﭘﯘﺷﯘﺭﯗﭖ،ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﮕﻪﻥ.
“Food in Ancient China “- By Karen Carr from Portland State University, US. People in northern
China grew millet instead, starting about 8000 BC, and they gathered wild sorghum. By 5000 BC,
many people in northern China ate mainly millet. They ate it boiled into a kind of porridge.
47
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ
ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩ
ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯚﭘﻠﯜﻙ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻏﺎ
ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻻﻳﻠﻰ .ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻳﯧﻴﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﭼﯚﭖ
ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﻤﻪﻙ ـ ﻧﺎﻥ ﭼﯚﭖ ،ﺋﯘﻣﺎﭺ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1000ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ،ﺋﯜﮔﺮﻩ ،ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺗﯩﻠﻰ
ﻛﻪﺳﻤﻪ ،ﻛﻪﺳﻤﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ .ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ »ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ
ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ« ﺩﺍ »ﺋﯜﮔﺮﻩ« ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ »ﺋﯜﮔﺮﻩ« ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ» ،ﺋﯜﮔﺮﻩ
ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ،ﺋﯘ ﭼﯚﭘﺘﯩﻦ ﺳﯘﻟﯘﻕ ،ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ.
27
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﯞﻩ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ
ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ ،ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﮬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ،ﺳﻮﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ
ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ،ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ
ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ،
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﻮﻻﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﻜﻪﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﮬﯜﻧﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ
27
» .ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ« 1 ،ـ ﺗﻮﻡ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ 171 ،ـ ﺑﻪﺕ .ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ» ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﺴﻰ« ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ 1993 ،ـ ﻳﯩﻠﻰ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ 119 ،ـ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
48
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ
ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ
ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ
ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ،ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﺘﻪﻙ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ
ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ
ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ـ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ،
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯚﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ:
ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺯﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﭼﯚﭘﻨﻰ
ﺳﻮﺯﯗﺷﺘﻪﻙ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ .ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯜﮔﺮﻩ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﺘﯩﻤﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﭼﯚﭘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ
ﭼﯚﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯚﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
49
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯚﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ
ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.
28
»ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ
ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﭘﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯩﻞ ـ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ
ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﻮﭘﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯩﻞ،
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ ـ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ـ ﺳﯩﯟﯨﻠﯩﺰﺍﺗﺴﯩﻴﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ
ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ
ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ
2016ـ ﻳﯩﻠﻰ 29ـ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ Face Bookﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ» :ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺸﻪﻳﻠﻰ:
ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ) 拉 面 -
(Lāmiànﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺳﯩﺰﭼﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ
ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺳﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺴﯩﺰ؟ « .
ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ
ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ
28
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ
ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﯞﺍﺯ
ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ
ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ « ـ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ 2ـ ﯞﻩ 5ـ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ.
50
ﺑﯘ
ﮬﻪﻗﺘﻪ
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ
ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 124ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ
ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ
ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
29
29
.ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ 29ـ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ Face Bookﺑﯧﺘﯩﮕﻪ
»ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺗﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ
124ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .ﻣﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻪﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺷﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻳﻨﺌﻪﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﯗﻡ.
ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺕ )ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺟﻮﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﻓﺎﻛﯜﻟﺘﺘﻰ( :ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ
ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﻳﻮﻕ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﯕﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ
ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ… .ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻣﻪﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ
ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .ﮬﯩﺴﺴﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﻻﺯﯨﻢ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ
ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
»ﻟﻪﮒ ﻣﻪﻥ« ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ »ﻣﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﯚﺯ »ﺧﯧﻤﯩﺮ« ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﮔﻪﭖ» .ﻟﻪﮒ « ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ...ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻟﻮﻏﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ...
ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻏﺎﺯﻯ )ﻣﺎﻻﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ،ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﺎ( :ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ .ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼﻡ ﺧﻪﻧﺴﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟
ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﺩﯨﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ :ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ »ﻟﻪﯓ ﺳﯧﻠﯩﺶ« ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﭼﯚﭘﻨﻰ ﻟﻪﯓ
ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ .ﺧﻪﻟﻘﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ
ﻗﻮﻳﺎﻣﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻼﻱ :ﻛﺎﻟﻼ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﻟﯘﻙ!
ﻣﯧﮫﺮﺋﺎﻱ ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ )ﮬﺎﻝ ﻳﻮﺭﻙ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ،ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ( :ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ ،ﻟﻪﯓ ﺳﯧﻠﯩﭗ،
ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﻗﯧﻴﯘﻡ )ﻓﯩﻠﻼﻧﺪﯨﻴﻪ( :ﺑﯘﺭﯗﻥ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ « ﺳﯚﺯﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ» .ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻳﻮﻕ .ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ» .ﻟﻪﯓ« ﺩﯦﮕﻪﻥ »ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﺎ«،
ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﭖ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ .ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ »ﻟﻪﻳﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ.
51
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﺎﺷﺒﯧﻚ )ﺋﺎﻧﺘﯟﯦﺮﭖ ،ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ( :ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ«» ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ«» ،ﻟﻪﮔﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ 3ﺧﯩﻞ
ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﻣﯧﻨﯖﭽﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ،ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻟﻪﮔﻤﻪﻥ« ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻏﺎﺯﻯ )ﻣﺎﻻﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ،ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﺎ(» :ﻟﻪﮒ « ﺋﻪﻣﻪﺱ »ﻟﻪﯓ«» ،ﻟﻪﯓ ﺳﯧﻠﯩﺶ ،ﻟﻪﯓ ﺋﯘﺭﯗﺵ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻟﻪﯓ ﺋﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻧﺒﻪﻟﮕﻪ ﺗﺎﺱ ﺗﺎﺱ
ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﭗ ﺗﻪﻛﻜﯘﺯﺳﻪﻙ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯚﭖ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯧﻠﻴﺎﺭ )ﺋﺎﺋﻮﻛﻠﻪﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻠﻼﻧﺪﯨﻴﻪ( :ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ،ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻤﯘ
ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ »ﺭﺍﻣﯩﺌﻪﻥ ـ «ramianﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭼﯚﻛﯩﺪﺍ ﻳﯩﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻤﯘ
ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﺎﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭼﯚﻛﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯚﻛﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ
ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﭼﯚﻛﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯩﺰ
ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﻮﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﻠﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﯞﻩ
ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﻢ .ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ
ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﻣﯩﺖ ﻛﯚﻛﺘﯘﺭﻙ )ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ( :ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺷﻜﻪﻧﺖ
)ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﯘﻻﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ »ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﺎﺵ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺵ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ
»ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﺵ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ .ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﮫﺮ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻳﺪﺍ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻳﯟﺍﻥ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ
ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﻪﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ »ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﺎﺵ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺵ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯧﺸﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﯚﮔﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﭼﯚﻟﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﺌﻰ .ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ »ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﺎﺵ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺵ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﻙ ،ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ
ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﮬﻤﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ )ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ( :ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ )ﺳﻪﻱ( ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ
ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﻤﯘ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ « ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻪﻱ )ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ(
ﻣﻪﻧﺘﻪﯓ ) ﺋﺎﺵ ﺳﯘﻳﻰ ،ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺳﯘﻳﻰ( ،ﺑﺎﺯﯨﻤﻪﻥ ،ﺳﯘﻳﺮﻭ ،ﮔﯘﻳﺮﻭ ،ﺟﯩﺰﺍ )ﭘﯩﻠﺘﻪ( ﺑﻪﻳﻤﯩﻴﻪﻥ ....ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ
ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﭘﻪﻧﺠﻰ
)ﭼﯔ ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺧﯘ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﻰ( ،ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ )ﺗﯜﮔﺮﻩ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ 1759 ،ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ
52
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﯩﺌﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﯨﻤﯩﻴﻪﻧﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻙ
ﻗﻪﯞﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ
ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﯞﻣﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﻟﻮ ،ﻛﺎﯞﺍﭖ ،ﻣﺎﻧﺘﺎ...
ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻣﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 100ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ،
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﺘﻪﯓ )ﻣﯩﻴﻪﻥ ﺗﺎﯓ ،ﺋﺎﺵ ﺳﯘﻳﻰ( ،ﻛﻮﻳﺰﺍ ) ﻛﯘﺋﻪﻳﯩﺰﻯ ـ
ﭼﻮﻛﺎ( ،ﺟﯩﺰﺍ )ﭘﯩﻠﺘﻪ( ،ﺳﻪﻱ ـ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ( ،ﺳﻮﻣﻪﻥ )ﺳﺎﺋﻮﻣﯩﺌﻪﻥ( ،ﮔﻮﻳﺮﻭ ) ،(过油肉ﺳﯘﻳﺮﻭ ....ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍ ـ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﻛﻤﯘ
ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ )ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﻣﻤﻪ
ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ( ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ .ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﮬﯩﺲ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﯞﻩ ﺭﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺯﯗﻙ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺕ )ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺟﻮﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﻓﺎﻛﯜﻟﺘﺘﻰ( :ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ
ﺗﯩﻠﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ /ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﻪﮬﻤﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ )ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ( :ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .ﻣﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺑﯘﯞﺍﺳﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻏﺎﺯﻯ )ﻣﺎﻻﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ،ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﺎ( :ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﺧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﻪﻳﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ
ﭼﻮﻛﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺧﻪﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﮔﯜﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﯨﻠﺠﺎﻥ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ )ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ( :ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ »ﻻﻣﯩﻴﻪﻥ«
ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺘﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ
ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ،ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﮫﺎﺟﻪﺕ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ
ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍﺵ ﻣﻪﻧﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺴﺎﻕ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ= ،坎⼟土镘ﺑﺎﺧﺸﻰ = ،博士ﺗﯘﺭﯗﭖ = ،⼟土萝⼘卜
53
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻥ Face bookﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ
»ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻳﻤﻪﻥ:
.1ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﻪﺭﻕ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﻮﻛﯩﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻱ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ،ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﺍ »ﻟﻪﮔﻤﻪﻥ،
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﻟﻪﻳﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺴﺎ ،ﻛﯘﭼﺎ ،ﻳﻪﻛﻪﻥ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﺰﺍ ـ
ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ »ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺋﺎﺵ«» ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺵ«» ،ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺋﺎﺵ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎ ،ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ
»ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﺵ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ
ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻳﺎﻛﻰ »ﻟﻪﮔﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.
.2ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ
ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ،ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ Lāmiàn - 拉面ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
» .3ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻟﻪﯓ« ﺳﯚﺯﻯ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﭗ »ﺋﯘﺭﯗﺵ ،ﻟﻪﯓ
ﺳﯧﻠﯩﺶ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﺵ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ« ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ »ﻟﻪﯓ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ »ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﺎ« ﻳﻪﻧﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﭖ ،ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ
ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
.4ﮔﻪﺭﭼﻪ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻻﺵ ـ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ،ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻡ »ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ« ﻳﺎﻛﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 1759ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ
ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﯞﻩ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ
ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ
54
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ
ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ
ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ،ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ
ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ 20ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺭﺍﯞﺍﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ،ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ
ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ
ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ.
ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ،ﺑﯘ
ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻦ
ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻛﻜﯩﭽﻪ ،ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻦ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ،ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ،ﭘﺎﺭﯨﮋ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﺩﯗﺑﻪﻱ ﯞﻩ
ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﻐﯩﭽﻪ،
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ«،
ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﯨﻦ
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ
ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ـ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﻯ
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ
ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ
ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ
»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ
ﮬﺎﻟﺪﺍ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ) (Уйгуриский лагман،лагманﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ
ﺟﯘﻣﮫﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ
ﺑﯩﺮ
ﭘﻪﻟﻠﯩﻨﻰ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ.
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ
ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ:
55
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
▪
ﺑﯩﺰ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ
ﻛﯧﺮﻩﻙ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ« ) Готовим
(лагман по уйгурскиﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 10,200ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭ
ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
30
▪ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ » «leghmenﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ Googleﺩﯨﻦ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ 5630ﻗﯧﺘﯩﻢ.
▪
31
ﺭﻭﺱ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ » «лагманﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1،110،000
ﻗﯧﺘﯩﻢ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.
30
32
.ﺑﯩﺰ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ
ﺋﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯗﻧﯜﺵ« ) (Готовим лагман по уйгурскиﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ،
ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯗﻧﯩﺸﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ
10،200ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ Google ) .ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2016 :ـ
ﻳﯩﻠﻰ 18ـ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ(
https://www.google.nl/search?q=Готовим+лагман+по+уйгурски
31
.ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ » «leghmenﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ Googleﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ 2120
ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ Google ) .ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2017 :ـ ﻳﯩﻠﻰ 16ـ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ(
https://www.google.co.uk/search?q=leghmen
32
.ﺭﻭﺱ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ » «лагманﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1،120،000ﻗﯧﺘﯩﻢ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ
ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ Google ) .ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2017 :ـ ﻳﯩﻠﻰ 14ـ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ(
https://www.google.co.uk/search?biw=1325&bih=898&q=лагман
56
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
▪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 79،000ﻗﯧﺘﯩﻢ.
.11ﺭﻩﺳﯩﻢ:
33
ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﻯ Googleﺩﯨﻦ » «лагманﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ
ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ.
33
.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ Googleﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﺭ
ﻧﻪﺗﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 78400ﻗﯧﺘﯩﻢ Google ) .ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2017 :ـ ﻳﯩﻠﻰ 16ـ
ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ(
نەغمەل=https://www.google.co.uk/search?biw=1325&bih=898&q
57
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ Googleﻧﯩﯔ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ«
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻩﻗﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﯞﻩ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﻩ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ
ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ
ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ
ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ
ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:
▪
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﯞﻩ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ؛
▪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ـ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﺍ ـ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ
2014ـ ﻳﯩﻠﻰ 18ـ ﻣﺎﺭﺕ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ
ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯧﻤﺒﺎﺭﮔﻮﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ
ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ؛
▪
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺷﯩﻤﺎﻝ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ
ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ،ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﺎ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ
ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﮬﺎﯞﺍ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ـ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ؛
▪
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ
ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭ ﺋﯧﭽﯩﭗ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ؛
▪
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ
ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
58
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ؛
▪ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ ،ﻟﻪﮔﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ
ﺋﺎﺗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺯﺍﻕ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ »ﻻﮔﻤﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﮔﻤﯩﻨﻰ« Лагман - Уйгуриский лагманﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ
ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﻰ؛
ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﭖ ﺋﯚﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﻩ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﮔﻤﯩﻨﻰ« ﻳﺎﻛﻰ »ﻻﮔﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ »«лапша
)ﻻﭘﺸﺎ ـ ﭼﯚﭖ( ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﯚﭘﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻨﯩﯔ ﭼﯚﭘﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺧﯘﺭﯗﭼﻠﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ »ﻻﭘﺸﺎ« ﭼﯚﭖ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﯩﯔ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﭼﻪ« ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
59
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ:
.12.1ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ
60
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.12.2ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ
61
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.12.4ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ) (Photo by Skipper
62
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.12.5ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ
ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ
ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﯩﺪﺍ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ »ﮬﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﻲ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.
63
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻕ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭ ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ
ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻧﺎﻡ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ« ﮬﻪﺭ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ـ ﻛﻮﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ
ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ »ﺋﯚﻱ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﮕﻪﭺ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ـ ﻛﻮﻱ
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ »ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ« ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ
ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻳﺮﻯ
ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ
ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ
ﻛﻮﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ
ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ
ﯞﻩ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ
ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ
ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﻣﻪﺩﺩﺍﮬﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ،ﺋﯚﺯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺗﺎﻻﻱ ﭼﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ،
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﺎﻟﻼﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ،
ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﺘﯩﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ
ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮪ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺧﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯩﺲ
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭ ،ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ
ﯞﺍﯕﺴﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺷﺎﻳﺎﺭ ﺋﯩﮕﻪﭼﻰ
ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺶ ﭼﺎﻱ ﯞﻩ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺑﻮﻻﻕ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﺎﻱ« ﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯩﺮﺩﻩ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯧﮕﻪﭺ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ
64
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻳﯧﻤﻪﻙ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ
ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ» ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﺎ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻏﻪﺭﺏ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ:
.13.1ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ.
65
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.13.2ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ » 1ـ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺨﺎﻧﺎ« ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ.
.13.3ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ »ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻛﻪﻓﯩﺴﻰ« ﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ.
66
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.13.4ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺷﺎﻳﺎﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﮕﻪﭼﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯗﻧﯩﺸﻰ
) 2012ـ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ( .
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﯩﻠﺘﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ )ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺵ( ،ﺑﺎﻏﻼﻡ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ )ﺑﺎﺯﯨﻤﻪﻥ( ،ﻛﻪﺳﻜﻪﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﻳﺎﭘﯩﻼﻕ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﺗﻮﻡ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ )ﻗﺎﻣﭽﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ( ،ﻗﯘﺭﻣﺎ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ )ﺑﻮﺳﻮ( ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭ ـ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻼﺭ ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﻤﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻣﯧﺰﺯﯨﻠﯩﻚ
67
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﺸﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ،
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭖ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ »ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯧﺸﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ »ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﻯ
ﺋﻮﺧﺸﯩﺴﺎ ﺋﯧﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ« ﺩﻩﭖ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ
ﺧﯧﻤﯩﺮﻯ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ،ﺯﻭﯞﯗﻟﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ.
1ـ ﻗﯩﻠﺪﻩﻙ ﺳﻮﺯﯗﺵ ـ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺯﻭﯞﯗﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺒﻪﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ
ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2ـ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﺵ ـ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭼﯩﻐﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ
ﺳﻮﺯﯨﺪﯗ.
3ـ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﺵ ـ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﺳﻤﯩﺴﻰ 3ـ 4ﻣﯩﻠﻠﯩﻤﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﭼﯚﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺘﯩﻼ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ.
4ـ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﻮﺯﯗﺵ ـ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﺴﯩﻤﻰ 5ـ 6ﻣﯩﻠﻠﯩﻤﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ.
34
34
» .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺭﯛﭖ ـ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ« ﻣﻪﺳﯘﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﺮ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ 2010 ،ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﻭﺱ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ 138 ،ﯞﻩ 139ـ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
68
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﺎﻡ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ:
ﺋﯘﻥ ،ﮔﯚﺵ ،ﺳﯘ ﻳﯧﻐﻰ ،ﻳﯧﺴﺴﯩﯟﯦﻠﻪﻙ ،ﻛﯚﻙ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ،ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ،ﻏﻮﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ ،ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ،
ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ )ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ( ،ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ؛
ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﻡ ﺧﯘﺭﯗﭼﻠﯩﺮﻯ:
ﺗﯘﺯ ،ﻛﺎﯞﺍﯞﯨﭽﯩﻦ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﻐﺎ ﺗﯘﺯ ﯞﻩ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ،ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﭘﻮﺭﻩﻙ ﭼﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ15 ،
ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﺯﻭﯞﯗﻻ ﺋﯜﺯﯛﭖ ،ﺯﻭﯞﯗﻟﻨﻰ ﻳﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﮕﯩﺰ ﻗﻮﻟﺪﻩﻙ
ﺗﻮﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻧﭽﺎﻕ ﭘﯩﻠﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ﭘﯩﻠﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﺗﯩﺰﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﮬﻪﺭ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﻼﭖ
ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭘﯩﻠﺘﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ 15ـ 10ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺩﺍﻥ ـ ﺩﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ )ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ
ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﭘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ 170ﮔﯩﺮﺍﻡ ﮔﯚﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ(.
ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﺎﻍ ﻗﯘﻳﯘﭖ )ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 140ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺳﯘ ﻳﯧﻐﻰ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ( ،ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻏﻮﻟﭙﯩﻴﺎﺯ ،ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﯘﺯ
ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺴﺴﯩﯟﯦﻠﻪﻙ )ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻮﻛﺎ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ،ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻏﻮﻟﻰ ،ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻰ ،ﭘﯩﺪﯨﮕﻪﻥ( ﺳﯧﻠﯩﭗ،
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﻙ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ،ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﭖ ،ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﺎﯞﺍﯞﯨﭽﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﯘ
ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ،ﺗﯘﺯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻴﻤﯩﺰ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﯞﻩ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ
ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ.
69
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺧﯧﻤﯩﺮ ﭘﯩﻠﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﭼﯚﭖ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﭘﯩﺸﻘﯘﺩﻩﻙ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ،ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﯩﻠﺘﯩﻨﻰ
ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻣﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺯﯗﭖ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﺘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﺑﻮﺵ ﺑﻮﺵ
ﺋﯘﺭﯗﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﻼﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺯﯨﻤﯩﺰ .ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ
ﭘﯩﻠﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ .ﭼﯚﭖ
ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ
ﭼﯩﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
35
35
.ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﻟﻪﯕﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
http://axpaz.cn/munbar/read.php?tid=884
ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ـ Talerka TVﺭﻭﺳﯩﻴﻪ:
) (Lamian، Lāmiàn, Lag'mon, 拉面ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ
http://talerka.tv/ru/recept/uyghur/laghman
ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ـ Уйгуриский лагман
http://cookingman.ru/cooking-book/myaso/lagman-uygurskiy.html
ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ
Лагман. Как приготовить Уйгурский, Узбекский лагман
http://www.asia-travel.uz/uzbekistan/cuisine/lagman/
ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ
Готовим лагман по уйгурски 2.0 Настоящий Уйгурский Лагман
https://youtu.be/AkheDoN5NQE
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯗﻧﯩﺸﻰ ـ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ
) ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ Лагман (Lāmiàn, Laghman, 拉⾯,
https://youtu.be/-HGWyiZk0fo
)ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2017 :ـ ﻳﯩﻠﻰ 28ـ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ(
70
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.14.1ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺧﺎﻡ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ
71
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
.14.2ﺭﻩﺳﯩﻢ :ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﭼﯚﭘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
) 2016ـ ﻳﯩﻠﻰ ،ﺋﯩﻴﯘﻝ(
72
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺧﯘﻻﺳﻪ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ
ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ
ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ،ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ
ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ
ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﭘﻮﻟﯘ،
ﺳﺎﻣﺴﺎ ،ﻧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﭖ
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﻮﻟﯘ ،ﺳﺎﻣﺴﺎ ،ﻧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺴﺎ،
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮ
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻪﮬﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯧﺰﯨﺶ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ
ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ـ
ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺧﻪﻟﻖ ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ
ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ،
ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ
ﺗﻪﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ
73
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯜﻙ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯩﺪﯗ.
36
ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ـ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ ـ
ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ
ﻳﯧﻤﻪﻙ ـ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ
ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ
ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ
ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ
ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ
ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،
ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ،ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ـ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ـ
36
» .ﭘﻮﻟﻮ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ،ﺳﯘ ﺳﻪﻱ :ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ـ
Ildiko Beller-Hann, M.Cristina Cesaro, Rachel Harris, Joanne Smith Finleyﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮﮔﻪ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ 2007 .ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ Ashgateﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
M. Cristina Cesaro, “Polo, laghman, so say: Situating Uyghur food between
Chapter 10, page 200-201; Book “Situating the Uyghursـ ”Central Asia and China
between China and Central Asia”, Edited by Ildiko Beller-Hann, M.Cristina
Cesaro, Rachel Harris, Joanne Smith Finley, published by Ashgate 2007; ISBN 978
)0 7546 70414
www.amazon.co.uk/Situating-Uyghurs-Anthropology-Cultural-Indo-Pacific
74
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ
ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ،ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ
ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻣﻰ ﺩﻩﭖ
ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻟﻪﻏﻤﯩﻨﻰ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ
ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
————————————————————
ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪ:
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ:
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ـ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ:
»ﺋﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻱ« ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ “Оргилай” Resturant
“Оргилай” Resturant, Yл. жамакаева 142, Amaty
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ـ ﺑﯩﺸﻜﯧﻚ:
»ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ« Arzu resturant
7 Togolok Moldo, Bishkek 720000, Kyrgyzstan. Tel: +996 312 6966 97
»ﻓﻪﻳﺰﺍ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ« Cafe Faiza
Cafe Faiza, Jibek Jolu, Bishkek, Kyrgyzstan. Tel: +996 312 65 2378
75
www.azizisa.org "ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ
:ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ـ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ
Chef Silk Road
https://silkroadchef.com/2015/07/
:ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ
http://in-posad.ru/organizations/lagmannaya-sk/
:ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ـ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻦ
Taklamakan Resturant «»ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Taklamakan Resturant, Bayerstraße 27, 80335 Munchen, Tel: +49 89 8906 8468.
http://www.taklamakan-resturant.de
Tangritagh Resturant «»ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Tangritagh Resturant, Haeberlstr. 1, 80337 Munich, Bavaria, Tel: +49 89 5527 1643
:ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ـ ﻓﯩﺮﺍﻧﻜﻔﯘﺭﺕ
UI Uyghur Resturant «»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
UI Uyghur Resturant, Kleyerstr.99, Frankfurt, Germany. Tel: +49 69 54806910
http://www.ui-resturant.de
:ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ـ ﭘﺎﺭﯨﮋ
Muqam Resturant «»ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Muqam Resturant, 36 Rue de Trevise,75009 Paris, France. Tel; +33 1 4770 4325
Ouigour Resturant «»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Ouigour Resturant, 74 Rue Jean-Pierre Timbaud,75011 Paris, France. Tel: +33 1 4355 0473
Dolan Ouigour Resturant «»ﺩﻭﻻﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Dolan Ouigour Resturant, 5 ru de Poissy,75005 Paris, France
:ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ـ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ
Uyghur Resturant «»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
London Finsbury Park. 27 Blackstock Road, London, N4 2JF Tel: 02072262446
http://www.uyghurrestaurant.co.uk
76
www.azizisa.org "ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ
ETLES Uyghur Resturant «»ﺋﻪﺗﻠﻪﺱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Hoe Street Walthamstow, London, UK E17 9PP. Tel: 0203-620-6978, Email:
[email protected] http://www.etles.co.uk
Pasha Central Asian Resturant «»ﭘﺎﺷﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﯦﺴﺮﺗﯘﺭﺍﻧﻰ
158 Camberwell Road, London SE5 0EE, UK. Tel: +44 (0) 20 7871 9963
http://www.pasharesturants.co.uk
:Leicester ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻟﯧﻴﺴﺘﯧﺮ
Karamay Western China Cusine «»ﻗﺎﺭﻣﺎﻱ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ
109 London Road, Leicester LE2 0PF, Tel: +44 (0)116 319 6691
:ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ـ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
Yuksel Uyghur Resturant «»ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Abdullatif Pasa Sokak 6, 34096, Aksaray, Fatih/Istanbul, Turkey. Tel: +90 212 586 2622
«»ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Turkistan Uygur Lokantasi - Lezzetli Uygur Yemekleri
Abdullatif Past Sokak No 13, Aksaray, Istanbul. Tel: +90 212 588 7712
:ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ
The Charcoal Kebab House
3256 Lawrence Ave E, Scarborough, 0N M1H 3C2, Canada. Tel: +1 647 352 4450
:ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ـ ﻧﯩﻴﻮ ﻳﻮﺭﻙ
Cafee Kashgar «»ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻪﻓﯩﺴﻰ
1141 Brighton Beach Ave, Brooklyn, NY 11235 . tel: +1 (718) 743-3832
http://kashkarcafe.com
Cafe Arzu «»ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻛﻪﻓﯩﺴﻰ
101-05 Queens Road, Queens, NY 11375 at 67th Road. Tel: 718 830 3335
http://ny.eater.com/2016/10/25/13403926/nyc-sephardic-jewish-food-sietsema
77
www.azizisa.org "ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ
:ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ـ ﯞﺍﺷﯩﯖﺘﻮﻥ
Queen Amannisa Resturant «»ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
320 23rd Street South, Suit 150, Arlington,VA 22202. Tel: +1 703 414-7888
Dolan Uyghur Resturant «»ﺩﻭﻻﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
3518 Connecticut Ave NW Washington DC, 20008. http://www.dolanuyghur.com
:ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ـ ﻣﯧﻠﺒﻮﺭﻥ
Dolan Uyghur Food Heaven «»ﺩﻭﻻﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
166 Little Lonsdale Street, CBD, Melbourne. Tel: +61 3 9041 8802
:ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ـ ﺳﯧﺪﻧﯩﻲ
Tarim Uyghur Resturant «»ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
105 Rawson St, Auburn NSW 2144, Sydney, Australia, Tel: +61 2 9649 9085
:ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ـ ﺗﻮﻛﯩﻴﻮ
Silk Road Tarim Uyghur Resturant «»ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
3 Chome 15 -8 Nishishinjuku, 新宿区 Tokyo, 160-0023, Japan. Tel: +81 3 6276 7799
:ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﮕﻰ ـ ﺩﯗﺑﻪﻱ
Xinjiang Kiroran Resturant «»ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
23-34th Street, Dubai, United Arab Emirates. Tel: +971 4297 2130
Xinjiang Afandim Resturant «»ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
Xinjiang Afandim Resturant , Tel: +971 4 422 7595
:ﺧﯩﺘﺎﻱ ـ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ
Turpan Resturant «»ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
No 6, Niujie Beikou, Xicheng District, Beijing
A Fun Ti Hometown Music Resturant «»ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ
No.2 A, Houguaibang Hutong, Chaoyangmen Nei Street, Dongcheng District, Beijing
78
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
»ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ« Silk Road Xinjiang Resturant
No 6, Fangyuan West Road, Chaoyang District, Beijing
»ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﯩﻼﺋﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ«
Xinjiang Crescent Moon Uighur Muslim Resturant
16 Dongsi 6th Alley, Dongsi, Dongcheng District, Beijing, 100007.Tel: +86 10-64005281
ﺧﯩﺘﺎﻱ ـ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ:
»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻰ« Uyghur Resturant
Uyghur Resturant, No.280 Yi Shan Road, Shanghai, China
»ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ـ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ:
»
www.uyghurensemble.co.uk/uy/?p=4523
»ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ـ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻪﻟﻜﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ:
»
www.uyghurensemble.co.uk/Uyghur_Leghmen_Ottura_Asiya.pdf
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ »ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ« ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2017ـ ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﻖ 1ـ ﺳﺎﻥ )ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ 9ـ ﺳﺎﻥ(
ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
www.anayurtjurnili.net/?p=7679
79
"ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻥ www.azizisa.org
80